12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا مەلۇم ساندىكى ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشقا ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە پۇقرالارمۇ قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەنشا ۋە شەنشا تاقىم ئاراللىرىنى تولۇق ئىدارە قىلماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەتتا ئۇلار "يوقالسۇن خىتاي"، " ۋيېتنام ياشىسۇن" دېگەندەك مىللەتچىلىك خاراكتېرىدىكى شۇئارلارنى توۋلاشقان.
شىشا ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى مەسىلە بولۇپ، ھەتتا بۇ ئاراللارنى تالىشىپ، ئىككى دۆلەت دېڭىز قىسىملىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ئىككى تاقىم ئارالنىڭ بىر قىسىم ئاراللىرىنى يەنە فىلىپپىن، مالايسىيا ھەم تەيۋەنمۇ تالىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرى بارلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ.
بۇ ئاراللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدا ئادەم ياشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇ جايلاردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول ھېسابلىنىدۇ. ۋيېتنام ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر سائەتكە سوزۇلغان بۇ نامايىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خەينەن ئۆلكىسى تەۋەسىدە بۇ ئاراللارنى ئىدارە قىلىدىغان سەنشا ناھىيىلىك ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىشىدۇر. بۇ خەۋەر ۋېتناملىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
1979 - يىلى 2 - ئايدا ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلاپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ۋېتنامغا ئىچكىرىلەپ، كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما، يېقىندىن بۇيان ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىللىشقا ھەم ئالىي رەھبەرلەر ئارىسىدا ئۇچرىشىشلار باشلانغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
