ياخۇ شىركىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بىر دېلودا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەندى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى، ياخۇ شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جەرىي ياڭ ۋە باش مەسلىھەتچى مىشېل كالاھانلارنى بۇ يىل 6- نويابىردا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ، ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا خىتاي ژۇرنالىست شى تاۋ دېلوسىدا بەرگەن يالغان گۇۋاھلىقى ئۈچۈن چۈشەندۈرۈش بېرىشكە چاقىرغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى توم لانتوس:"بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز،" دېگەن ۋە بۇ شىركەتنىڭ ئادالەتسىز گۇۋاھلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ژۇرنالىست شى تاۋ 2005- يىلى توردا ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى ھەققىدە يازغان ماقالىسى تۈپەيلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياخۇ شىركىتى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى شى تاۋنىڭ شەخسى ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن. (جۈمە)