خىتاي سۇ ئاستى پاراخۇتنىڭ ياپۇنىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرىش ۋەقەسىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى


2004.11.14

ياپۇنىيىنىڭ بىر خىتاي يادرو سۇ ئاستى پاراخۇتى ياپۇنىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىردى دىگەن ئەيىپلىشىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق سۈكۈتتە تۇردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىپلەشلىرى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ۋە ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى قايتا بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ياپۇنىيە جەنۇبتىكى ساكىشاما تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخۇتىنى بايقىغاندىن كىيىن دېڭىز ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۈر سۇ ئاستى پاراخۇتنىڭ ئىزىغا چۈشكەن.

ياپۇنىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، سۇ ئاستى پاراخۇتنىڭ تىپى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇنى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخۇتى ئىكەنلىكىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ياپۇنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ياپۇنىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.