ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلماسلىقى مۇمكىن
2007.04.20
جۈمە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې كەلگىلىۋاتقان باھار بايرىمى جەريانىدا ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىش قىلماسلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارنى جاۋابسىز قالدۇرغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ بەلكىم خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى نەتىجىلەنگىچە، ھىچ بولمىغاندا مۇشىۇ يىلى ئىيۇنغىچە مەزكۇر بۈزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەر خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ خىتاي - ياپونىيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنى يۇمشىتىش مۇمكىنچىلىكى تۈسىنى ئالغان زىيارىتى ئاياقلىشىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە كيودا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، كەلگىلىۋاتقان ئۈچ كۈنلۈك باھار بايرىمى جەريانىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋەدىلىرى سەۋەبلىك ياسۇكۇنى بۈزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
شۇ جاي ۋاقتى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې مۇخبىرلارغا، ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ئۇ جاينى تاۋاپ قىلىش دۆلىتىمىز ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغانلارنىڭ روھىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن. مېنىڭچە، بۇ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مەسىلە بولغاچقا، مەزكۇر جاينى تاۋاپ قىلىشقا بېرىش - بارماسلىقىم ئۈستىدە توختالمايمەن" دېگەن.
20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ياسۇكۇنى بۈزرۇكگاھى، توكيو ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىكى ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ياپونىيىنىڭ سابىق ۋەزىرى جۇنچىرو كوئىزۇمى ياسۇكۇنى بۈزرۇكگاھنى تاۋاپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلغان.
ياسۇكۇنى بۈزرۈكگاھى 2.5 مىليون ئۇرۇش قۇربانلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، ياپونىيە ۋە چەتئەللىك تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر جاي ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. بۇرۇنقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابې ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىبى ۋاقتىدا مەزكۇر بۈزرۇكگاھنى مەخپىي زىيارەت قىلغان ئىكەن. (جۈمە)