خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېكولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان 4 نەپەر ياپونىيە ئالىمىغا جەرىمانە قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېكولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان 4 نەپەر ياپونىيە ئالىمىغا، ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز ھالدا خەرىتىگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ 20 مىڭ يۈئەن جەرىمانە قويغان.

خىتاي خەلق گېزىتى 27 ‏- ئاپرىلدا بەرگەن خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيىلىك خىدېخىرو سوما باشلىق 4 نەپەر خادىم، ياپونىيە ئىنسانىيەت ۋە تەبىئەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇز كۆل ‏- ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك ۋە مۇھىت ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلچەش-سىزىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چۈئەنجەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 4 كىشى مەزكۇر جايدا دۇنياۋىي ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ئۆلچەش-سىزىش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئاساستا بۇنداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قانۇنسىز ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، مەزكۇر ياپون خادىملارنىڭ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇسادىرە قىلىنغان. كېيىن ياپونىيىلىك تەكشۈرگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، بۇندىن كىيىن خىتاي قانۇنىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ كەچۈرۈم سوراشقان.

ئۆتكەن يىلى ئاپرىلدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى نەپەر ياپونىيىلىك تەكشۈرگۈچىنى خوتەن رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى دەپ 80 مىڭ يۈئەن جەرىمانە قويۇپ چېگىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. (جۈمە)