ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابې، 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ گېرمانىيىدىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بىلەن كۆرۈشۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قورال - ياراقلار سېتىپ بېرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى يەنە تەكىتلىدى. ياپونىيىلىك ئەمەلدارلار، ئابې 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن 16 - ماي كۈنى فرانسىيىنىڭ پرېزىدېنتلىق تەختىگە ئولتۇرغان سوركوزىي بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى سۆھبىتىدە، " ياپونىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ،" دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساركوزىي بولسا سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئابېنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى چىققانلىقىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى. ئۇ پەقەت، ياپونىيىلىكلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى چۈشۈنىش ناھايىتى مۇھىم،" دەپ تەكىتلىگەن. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپلا قالماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراقلار ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.
فرانسىيىنىڭ ساركوزىيدىن بۇرۇنقى پرېزىدېنتى جاك شىراك، خىتايغا قويۇلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، ئىمبارگونى بىكار قىلىش شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، دەپ قارشى چىقماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989 - يىلى خىتاي كومپارتىيىسى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغاندىن كېيىن، خىتايغا قورال-ياراق ئىمبارگوسى قويغان.(ئەركىن)