ياپونىيە ۋە خىتاي كەڭ كۆلەملىك سۆھبەت باشلىدى


2007.12.01

خىتاي ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا، خىتاي-ياپونىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە ھازىرغىچە جىددىي بىر ئىلگىرىلەش بولمىغان.

لېكىن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى بېيجىڭدا ياپونىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، خىتاي ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك سۆھبەت، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى يىرىكلىشىشقا باشلىغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى ياڭ جېچى، شەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىش جەريانىدا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى ماساھىكو كومۇرادىن، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ياڭ جېچى، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەننىڭ كېلەر يىلى مارت ئېيىدا تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى مەسىلسىدە خەلقنىڭ رايىنى سىناش يەنى رىفراندوم ئۆتكۈزۈش پىلانىنى، خىتاي ئۈچۈن بىر تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن.

روېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا، ياپونىيە بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت، ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كۆلەملىك سۆھبەت بولۇپ، بۇ سۆھبەتكە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 6 مىنستىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەككىز مىنستىرى قاتناشقان.

سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۇرۇشىچە، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك سۆھبەتنىڭ، تەيۋەننىڭ پرېزىدېنت نامزىدى ما يىڭ جو، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن كېيىن باشلىغانلىقى دىققەت تارتماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.