ياپونىيە مۇداپىئە سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى


2004.12.10

ياپونىيە ئىچكى كابىنتى جۈمە كۈنى ياپونىيە مۇداپىئە پىلانىنىڭ يېڭى پروگراممىسىنى ماقۇللاپ، ھەربىي ھازىرلىقلارغا قارىتىلغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى. شۇنداقلا تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ياپونىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش سىياسىتى 1976 - يىلدىن بېرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. يېڭى مۇداپىئە پروگراممىسىدا بۇ چەكلىمە بىكار قىلىنغان. شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ماقۇللىغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ياپونىيە مىللىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ پاسسىپ مۇداپىئەدىن ئاكتىپ مۇداپىئەگە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا. ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى، "يېڭى مۇداپىئە پىلانى ياپونىيىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش يولىدىكى زۆرۈر تەدبىرى،" دەپ تەكىتلىگەن. ياپونىيىنىڭ يېڭى مۇداپىئە پروگراممىسىدا، خىتاينى ياپونىيە دىققەت قىلىدىغان نىشانلار قاتارىدا كۆرسىتىپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسى، شۇنداقلا دېڭىز ئوكياندىكى پائالىيەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىنى دىققەت قىلىنىدىغان مەسىلە، دەپ قارىغان.

ياپونىيىنىڭ يېڭى مۇداپىئە پىلانى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "جوڭگو ياپونىيە ھەربىي بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ زور كۆلەمدىكى تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.