توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى خىتاينى ئەيىپلىدى


2004.12.19

توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى خىتاينى ئەيىپلىدى ياپونىيە توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى يەكشەنبە كۈنى خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئۆزىگە قارشى كەيپىياتلارنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن، ياپونىيىنى بىر "دۈشمەن" ئوبراز قىلىپ يارىتىشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى شىنتارو ئىشىخارا سۆزىدە " خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىققا قارشى كەيپىياتلىرىنى باشقا ياققا يۆتكەش ئۈچۈن بىر تاشقى دۈشمەن ئوبرازىنى يارىتىشقا مۇھتاج بولدى. ئۇ بولسىمۇ ياپونىيە" دىدى.

توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى بۇ سۆزنى دەل ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان يىرىكلەشكەن بىر مەزگىلدە قىلغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى لى دىڭخۈيگە ۋىزا بېرىشنى قارار قىلىشى ۋە خىتاينىڭ بىر يوشۇرۇن خەۋپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە دوكلاتىنى چىقىرىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىراز جىددىيلەشكەن ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىدىمۇ خىتايغا قارشى كەيپىياتلار كۆتۈرۈلگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر رايىنى سىناشقا قارىغاندا، پەقەت ٪ 38 خەلق خىتايغا دوستانە ھىسسىياتتا بولۇپ، بۇ سان ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا،٪10تۆۋەنلەپ كەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.