خىتاي ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
2005.01.05
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى توساتتىن كېچىكتۈردى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ سەۋەبىنى تېخى كۆرسەتكەن بولمىسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۈينى ياپونىيىدە بىر ھەپتە زىيارەت قىلدۇرىشى سەۋەپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى لى دېڭخۈينىڭ خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيىنىڭ لى دېڭخۈيگە ۋىزا بەرمەسلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەسلى پىلان بويىچە، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خىتايغا بېرىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىملىق " خىتاي-ياپونىيە ھوقۇقتىكى پارتىيىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە يىغىنى" نى چاقىرماقچى ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دوڭخۇي ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك باياناتى خىتاينى نىشانلىغان
- توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى خىتاينى ئەيىپلىدى
- ياپونىيە مۇداپىئە سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى
- ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە قارشىلىق بىلدۈردى
- ياپونىيە خىتايغا بېرىۋاتقان ياردەم تۈرىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، رۇسىيە ياپونىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە تەييار دېدى
- ياپونىيە خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ياپونىيە خىتاينىڭ مۆلچەردىكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى