خىتاي ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى ئەيىپلىدى


2005.02.09

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ياپونىيىتىنىڭ سېنكاكو ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇنى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۇەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ خىتاينىڭ ئەزەلدىن بار بولغان زېمىنى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئارالغا قاراتقان ھەر قانداق بىر تەرەپلىك ھەرىكىتىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىش ياكى قوللانماسلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سېنكاكو ئارىلىدىكى مەزكۇر ماياكنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئالغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرنى ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتى باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ماياك ياپونىيىدىكى ئوڭچى ئېقىم پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن 1988 - يىلى ياسالغان.

1895 - يىلى ياپونىيە چىڭ سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ياپونىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما ئامېرىكا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا بۇ ئارالنى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، كېيىن 1972 - يىلىغا كەلگەندە بۇنى يەنە ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. شۇنداقلا 1970 - يىللىرى بۇ ئارالدا نېفىت زاپىسى بايقالغاندىن بۇيان، خىتاي بىلەن تەيۋەن ھەر ئىككىلىسىلا بۇ رايوننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.