خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى قايتا ئەيىپلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى قايتا ئەيىپلىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى باياناتىدا، "ياپونىيىنىڭ بۇ قىلمىشى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلىك، بۇنى ھۆكۈمىتىمىز ۋە خەلقىمىز قەتئىي قۇبۇل قىلمايدۇ" دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ياپونىيە تەرەپ بىلەن رەسمىي دەۋالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى ياپونىيە ئوڭچى ئېقىم پائالىيەتچىلىرى ياسىغان مەزكۇر ماياققا ئىگە چىققانلىقىنى جاكارلاپ، بۇندىن كىيىن بۇ ماياكنى ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتى باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈەن شۇ كۈنىلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى "ئىناۋەتسىز" ۋە "قانۇنسىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۇرۇش قەھرىمانلار قەۋرىستانلىقىنى يوقلىشى ۋە خىتاي يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تېررىتورىيىسىگە بۆسۈپ كىرىشى قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىك بولۇپ كەلمەكتە.

ياپونىيە 1895 - يىلى چىڭ سۇلالىسىنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىپ، سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ياپۇنىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. 1970 - يىللىرى بۇ ئاراللاردا نېفىت بايلىقى بايقالغاندىن بويان، خىتاي بىلەن تەيۋەن ھەر ئىككىلىسىلا بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلماقتا. (ئارزۇ)