ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرسلىكى توكيو بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتتى
2005.04.05
ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى تەستىقلانغان تارىخ دەرسلىكى، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى توكيو دائىرىلىرىنى ياپونىيە تارىخ دەرسلىكىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىغا دائىر قىسمىدا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ خىتايدىكى ئىشغالىيەتچىلىك ھەرىكىتىنى بۇرمىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى چېڭ زوڭخۇەي، سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى ئانامىنى چاقىرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى. شۇ كۈنى خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ يى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەن. ئامما ياپونىيە ئەلچىسى ئانامى، " ياپونىيە پىكىر قىلىش ۋە نەشرىيات ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە دۆلەت"، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ، تۈزۈم بويىچە ياپونىيىدە كىشىلەرنىڭ دەرسلىك ماتىرياللارنى نەشرى قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تارىخ دەرسلىگىدىكى تالاش تارتىش، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى مىللىي كەيپىيات دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. خىتايلار ياپونىيىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بولۇشىغا قارشى ئىمزا توپلاش، ياپونىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماقتا ئىدى.
ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاي پۇقرالىرىدىكى ياپونىيىگە قارشى كەيپىياتنى پەسەيتىشكە چاقىرغان. سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى ئانامى، خىتاي مائارىپىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، خىتاي ياشلىرىدا ياپونىيىگە قارشى كەيپىيات يېتىشتۈرىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئانامى بۇ سۆزلەرنى چىڭ زوخۇەي تەرىپىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغاندا قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ئۇلغايدى
- ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ سانكاكو تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى قايتا ئەيىپلىدى
- خىتاي ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى ئەيىپلىدى
- خىتاي ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈردى