ياپونىيىدە ئاسىيا - ياۋرۇپا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرا شەنبە كۈنى كەچتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو -تېلۋېزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆتكەن ئايدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار سەۋەبىدىن ئەپۇ سوراشنى ۋە تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە، ياپونىيىنىڭ تالاش - تارتىشتىكى تارىخ دەرسلىك كىتابىنى تەستىقلىشى ۋە ياپونىيىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن، شۇنداقلا زوراۋانلىق ۋەقەلەرمۇ سادىر بولغان . نامايىشلار سەۋەبىدىن خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يىرىكلەشكەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ سۆھبەتتە گەرچە كەچۈرۈم سورىمىغان بولسىمۇ، بىراق تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىدە يەنە داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لى جاۋشىڭ يەنە ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومىنىڭ " ئۇرۇش قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى" نى زىيارەت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر قەبرىستانلىققا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش "جىنايەتچىلىرى" نىڭ جەسەت كۈلىمۇ دەپنە قىلىنغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىشى خىتاي- ياپونىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا قاراپ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىسى ئىكەن.
بىراق بۇ ئارىدا، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى مۇۋاپىق پۇرسەت تاپسا، بۇ يىل " ئۇرۇش قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى" نى يەنە زىيارەت قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)