خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە باش مىنىسىتىرى بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشنى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پىلاندىن بىر كۈن بۇرۇن خىتايغا قايتتى. بۇ ئۆزگۈرۈش ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھەيران قالدۇردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە دائىرىلىرىگە، ۋۇ يىنىڭ خىتايدىكى ناھايىتى مۇھىم دۆلەت ئىچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن پىلاندىن بۇرۇن قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ۋۇ يى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنى ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىرغان. ئەمما نېمە ئۈچۈن خىتايغا بالدۇر قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.
ۋۇ يى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسىلە ھەل قىلغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە تىرىشىۋاتقان چاغدىمۇ نۇرغۇن سۆھبەتلەرگە قاتناشقان. ھەتتا ئۇ 2003 - يىلى سارس كېسىلى تارقاپ كەتكەندە، سەھىيە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
شۇڭا بەزى ئانالىزچىلار، گەرچە ۋۇ يى ھازىر سەھىيە مىنىستىرى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ سارس كېسىلى تارقالغان ۋاقىتتىكى تەجرىبىسىنى ئىشلىتىپ، نۆۋەتتىكى قۇش زۇكىمى كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)