ياپونىيە خىتاينى "سۆھبەتنى قەستەن كەينىگە سۈرىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى
2005.10.02
ياپونىيە سودا مىنىستىرى يەكشەنبە كۈنى خىتاينى "تالاشتىكى ئاراللار مەسىلىسىدىكى سۆھبەتنى قەستەن كەينىگە سۈرۈپ، بۇ رايوندا نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنى كۈچىنىڭ بېرىچە تېزلىتىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سودا مىنىستىرى شويچى ناكاگاۋا يەكشەنبە كۈنى "خىتاي ھۆكۈمىتى سۆھبەت ۋاقتىنى قەستەن كەينىگە سۈرۈپ تۇرىۋېلىۋاتقان پەيتتە، ئۇلار يەنە تالاش-تارتىشتىكى رايونلاردا ئالدى بىلەن نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئېچىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىككى دۆلەت تالىشىدىغان بۇ رايونلاردا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئورتاق نېفىت قېدىرىشىغا يول قويۇش تەكلىپىنى قويۇپ، بۇ ھەقتە دەرھال سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيىنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاينى كۆپ قېتىم تېخى ھەل بولمىغان بۇ تالاش-تارتىشتىكى رايونلاردا، ئۆز ئالدىغا نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە بىلەن خىتاي تاقىم ئاراللار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايۇنىغا ھەربىي پاراخۇتلىرىنى ئەۋەتتى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ
- خىتايدىن كېلىدىغان ھۇجۇم تەھدىتى ياپونىيە مۇداپىئە پىلانىدا يەر ئالدى
- ياپونىيە خىتاينىڭ تالاش- تارتىشتىكى دېڭىز تېررىتورىيىسىنى ئېچىشىغا قارشىلىق بىلدۈردى