خىتاي ھەربىي پاراخوتى ياپونىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى


2005.11.11

ياپونىيە دېڭىز ساھىلى قوغداش قىسىملىرى جۈمە كۈنى ئوكىناۋانىڭ جەنۇبىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە 20 كىلومېتىرچە ئۈسۈپ كىرگەن خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۈنئىي ھەمرا كاشىلا پەيدا قىلىش پاراخوتىنى ئاگاھلاندۇردى.

ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر خىتاي پاراخوتى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېخنىكا جەھەتتە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پىيادە قىسىملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

خىتاي پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن ، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى تەرك ئەتكەن. ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرى خىتاي پاراخوتىنىڭ "تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىغا" ئىشەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قارشى ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىر قوللانمىغان.

ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاكىرا چىبا، "ئەگەر پاراخوت ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇقۇشماستىن كىرىپ قالغان بولسا، بۇنى ئانچە جىددىي ۋەقە ئەمەس، دەپ قارايمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بارغانچە يىرىكلىشىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرسلىكى ۋە باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ ياسوكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمەكتە. ئەمما ياپونىيە، خىتاينىڭ ياسىكۇنى مەسىلىسىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، بۇ، ئۇرۇش قۇربانلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنى مەقسەد قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ياپونىيە دۇنيا بويىچە خىتاينى ئەڭ كۆپ ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇپ، ياپونىيە خىتاينى جوڭگو دەرسلىك كىتابلىرىدا ياپونىيە دۈشمەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان، دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.