كويزومى خىتاينى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھ قارتىنى ئوينىماسلىققا چاقىردى
2005.12.05
ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي- ياپونىيە- جەنۇبىي كورىيە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھ قارتىنى ئوينىماسلىققا چاقىردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى نۆۋەتتىكى شەرت- شارائىتلار تۈپەيلىدىن، يەتتىنچى نۆۋەتلىك ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىنى " مۇۋاپىق پەيت" يىتىپ كەلگىچە كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 1999 - يىلىدىن بۇيان، ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر يىلى ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى يىغىن 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان.
كويزومى بۇ يىل 10 - ئايدا ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى قايتا تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلاشقان ئىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كويزومى دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا " خىتاي بىلەن كورىيە، ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى دىپلوماتىيە قارتى قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ئاقمايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھەربىي پاراخوتى ياپونىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى
- خىتاي ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلدى
- خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى يەنە جىددىيلەشتى
- ياپونىيە خىتاينى شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇردى
- ياپونىيە خىتاينى "سۆھبەتنى قەستەن كەينىگە سۈرىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى