كويزومى خىتاينى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھ قارتىنى ئوينىماسلىققا چاقىردى

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي- ياپونىيە- جەنۇبىي كورىيە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھ قارتىنى ئوينىماسلىققا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى نۆۋەتتىكى شەرت- شارائىتلار تۈپەيلىدىن، يەتتىنچى نۆۋەتلىك ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىنى " مۇۋاپىق پەيت" يىتىپ كەلگىچە كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 1999 ‏- يىلىدىن بۇيان، ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر يىلى ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى يىغىن 12 ‏- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان.

كويزومى بۇ يىل 10 ‏- ئايدا ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى قايتا تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلاشقان ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كويزومى دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا " خىتاي بىلەن كورىيە، ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى دىپلوماتىيە قارتى قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ئاقمايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)