خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ تەبئىي گاز سۆھبىتى كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى

خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتىكى رايونلىرىدا تەبئىي گاز قېزىش مەسىلىسى بويىچە دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان 4 - قېتىملىق سۆھبىتى كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تەبئىي گاز مەسىلىنىڭ تېز ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيە تەرەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە چېگرا پاسىلىدىكى تەبئىي گاز مەنبەلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش تەكلىپىگە خىتاي تەرەپنىڭ قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى بىلمەكچى ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن 3 قېتىملىق سۆھبەت خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى 1931 - يىلدىن 1945 - يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن تارىخىي كۆڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبىدىن نەتىجە قازىنالمىدى.

ياپونىيە سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كېنىچىرو ساسېي، " بىز ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئەمدى خىتايلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى " دەيدۇ. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايلار دىياۋيۈي تاقىم ئاراللىرى دەيدىغان، ياپونىيىلىكلەر سېنساكو تاقىم ئاراللىرى، دەپ ئاتايدىغان تالاش - تارتىشتىكى دېڭىز رايونىنىڭ چېگرا پاسىلىدا تەبئىي گاز مەنبەلىرىنى تەڭ ئېچىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تەرەپلەر ئىقتىسادى رايونلارنىڭ چېگرا پاسىلىنى قەيەردىن ئايرىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان.

ياپونىيە تەرەپ خىتاي شىركەتلىرى تەبئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان رايونلار ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى رايونىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئىلگىرى ياپونىيە خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى مەشغۇلاتى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ۋە مەشغۇلاتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. كېنىچىرو ساسېينىڭ ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەت تەبئىي گاز مەسىلىسى بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى مۈمكىن. (ئەركىن)