ياپونىيە خۇ جىنتاۋنىڭ شەرتىنى "ئاقىلانە" تەكلىپ ئەمەس دېدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئەگەر ياپونىيە باش مىنىسىتىرى كويزۇمى ياسىكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشنى توختاتسا، ياپونىيە بىلەن باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى. ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇ خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىنى ئاقىلانە ئەمەس ۋە بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش نىيىتى يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ، خىتاي تەرەپنىڭ مېتودى " بۇ يەردىكى توسالغۇنى ياپونىيە تەرەپتە قىلىپ كۆرسىتىش" دەيدۇ.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا ياپونىيىلىك مىھمانلارغا ئەگەر كويزۇمى ياسىكونۇنى زىيارەت قىلشنى توختاتسا، ئۇنىڭ بىلەن باشلىقلار سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن "بۇ سۆزلەردە خۇددى جۇڭگو - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە قىيىنچىلىقىغا پۈتۈنلەي ياپونىيە ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى چىقىپ تۇرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن تارو ئاسۇ، " ئەگەر سىزنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىڭىز بولمىسا باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەڭ،' دەيدۇ.

شۇ كۈنى تارو ئاسۇ بىلەن بىرگە ياپونىيە ئىچكى كابىنتىنىڭ ئىككى مىنىستىرى خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى. ياپونىيە ئىقتىساد - سودا مىنىستىرى توشىخىرو نىكاي، " ياسىكونىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىنى شەرقىي دېڭىزدا تەبئىي گاز قېزىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كېمەيتىش ۋە مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلار بىلەن چېتىۋالماسلىق كېرەك " دەيدۇ. ياپونىيە ئىچكى كابىنت سېكرىتارى شىنزو ئابې، خىتاي بىلەن " بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قارىشىمىزدا تۈپكى ئوخشىماسلىقلار بار " دېدى.

خىتاي رەھبەرلىرى كويزۇمىنىڭ ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ ياپونىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئىككى دۆلەت 2001 - يىلدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە رەسمى باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى. (ئەركىن)