خىتاي مەتبۇئاتلىرى، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 8 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە پرىزدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياپونىيە باش مىنىستىرى كۇيزۇمى بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى سۈي تەنكەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى سان- پېتېرسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 8 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا رۇسىيە پرىزىدېنتى پۇتىن، ئامېرىكا پرىزىدېنتى بۇش بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
سۈي تەنكەينىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يىرىكلىشىشىنىڭ سەۋەبى، ياپونىيە باش مىنىستىرى كۇيزۇمىنىڭ ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.
بۇ ئارىدا ياپونىيە باش مىنىستىرى كۇيزۇمى توكيۇدا": مەن ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى يەنىلا داۋاملىق تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن، شۇڭا ھازىر ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس" دېدى.
خۇ جىنتاۋ بىلەن كۇيزۇمى، ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 8 تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ چاغدا خىتايدا ياپونىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك نامايىش تېخى يېڭى ئاياقلاشقان ئىدى. (ئەقىدە)