جۇڭگو ياپونىيىگە قارشى كەيپىياتنىڭ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى 15 - ئاۋغۇست ياپونىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغان كۈنى ياسۇكونى تاۋابگاھىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ياپونىيىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالار ئىچىدىكى ياپونىيىگە قارشى كەيپىياتنىڭ جۇڭگودا قاللايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ تەدبىر ئالدى.

خوڭكوڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان ياپونىيىدىن تۆلەم تۆلىتىش كومىتېتى ئەسلى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كويزۇمىنى تەنقىد قىلماقچى ئىدى. لېكىن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى " رۇخسەت ئالمىغان" دېگەن سەۋەبلەر بىلەن، تۆلەم تۆلىتىش كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمىغان. شىنجېندا شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى، مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ نازۇك مەزگىلدە پۇقرالارنىڭ ياپونىيىگە قارشى پائالىيىتىنى خەۋەر قىلىشنى چەكلىدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ ياسۇكونىنى تاۋاپ قىلغانلىقىغا ئىجابىي پوزىتسىيىدە قارىغان. لېكىن 40 % كىشى كېلەر نۆۋەتلىك باش مىنىستىر ياسۇكونۇنى زىيارەت قىلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدىكەن.

كويزۇمىنىڭ ياسۇكونىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىققان دۆلەتلەرنىڭ بىرى جەنۇبىي كورىيە. جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى، ئەگەر ياپونىيىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى تاۋابگاھنى زىيارەت قىلسا، ياپونىيە بىلەن ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئېلىپ بارمايمىز " دەپ ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)