سەنكاكۇ ئارىلىنى قوغداش ئۈچۈن بارغان خىتايلار زەخمىلەنگەن كېمىسىنى ھەيدەپ خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەن

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، 27 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭدىن بىر قىسىم ئادەم كېمە بىلەن يولغا چىقىپ، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش -تارتىشتا تۇرۇۋاتقان سەنكاكۇ ئارىلىغا يېتىپ بېرىشقا 20 دېڭىز چاقىرىمى ئارىلىق قالغاندا، ياپونىيىنىڭ 15 تەك تىز سۈرئەتلىك كېمىلىرى پەيدا بولۇپ، خىتايدىن كەلگەن بۇ ئارال قوغدىغۇچىلارنىڭ كېمىسىنى توسىۋالغان ۋە ياپونىيىنىڭ ئىككى كېمىسى كېلىپ ئۇنىڭغا ئۇرۇلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خوڭكوڭدىن ئارال قوغداش ئۈچۈن بارغان كىشىلەر دېڭىز يۈزىدىن سەنكاكۇ ئارىلىغا قەدەم باسالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا بۇنداق بىر شەكىل ئارقىلىق بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تېخى ھەل قىلىنمىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا بىلدۈردۇق، دېگەن. ئارال قوغدىغىلى بارغان كىشىلەر زەخمىلەنگەن كېمىسنى ھەيدەپ خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياپونىيىدىن تۆلەم ئېلىش توغرىلىق ئەرز سۇنىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)