ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى
2004.12.10
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گوللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ جۈمە كۈنى قايتىپ كەلگەن. ۋېن جياباۋ بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى سەپىرىدە، گوللاندىيە باش مىنىستىرى بالكانەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باراسسو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى سولانالار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى- خىتاي باشلىقلار سۆھبىتىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئىككى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىرى "خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش قوشما ئاخباراتى" بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئالغا سۈرۈلگەن.
ۋېن جياباۋ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئىككى تەلىپىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەن. پەقەت قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش يولىدا داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. گوللاندىيە باشمىنىستىرى بالكەنەندى، ئىمبارگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپادىكى 25 دۆلەتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندا بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرويدېر خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا ئىمبارگونى بىكار قىلىش "سىگنالى" بېرىشى مۇمكىن
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى
- خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال - ياراق ئىمباروگىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى