دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي تەرەپتىن ، تاۋارلارنىڭ، بولۇپمۇ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشنى ۋە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ناچار ياكى ساختا تاۋارلارنى كۆپلەپ ئېكسپورت قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان چارە - تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ كومىسسارى مېگلېنا كۇنېۋا، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي مەركىزىي سۈپەت تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چاڭجياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ، يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن مېگلېنا كۇنېۋا مۇخبىرلارغا: " ئىلگىرىلەش بار، ئەمما بازار ئىسلاھاتى ۋە بازار نازارەتچىلىكى جەھەتلەردە قەدەمنى تىزلىتىش زۆرۈردۇر" دېدى.
2006- يىلى بەك خەتەرلىك دەپ قارالغان، خەتەرلىك چاقماق، ئاجىز بوۋاق ھارۋىسى قاتارلىق 924 خىل مەھسۇلات، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە قاتارلىق 27 ياۋروپا دۆلىتىدە سېتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىكەن.
مېگلېنا كۇنېۋا يەنە: "مەھسۇلات بىخەتەرلىكى جەھەتتە بىز ئەنسىرەيدىغان بىرىنچى نومۇرلۇق دۆلەت خىتايدۇر" دەيدۇ.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل ئاپرېلدا، شىمالىي ئامېرىكىدا ئۆلگەن ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە خىتاي ماللىرىغا زەربە بېرىش ئىشلىرى باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن، باشقا نۇرغۇنلىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ زەھەرلىك ياكى خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
ئەمما، خىتاي ئەمەلدارلىرى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئاگاھ بولۇش تۇيغۇسىنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن كۆرۈپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
دۈشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا چەتئەل مەتبۇئاتلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.(جۈمە)