خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى يىڭنىدە ئىجرا قىلىش پىكىرىنى ئەيىبلىدى


2008.01.04

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەزگىلدە ئۆلۈم جازاسىنى زەھەرلىك يىڭنىدە ئىجرا قىلىشنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ يەردىكى مەسىلە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشتۇر، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ ھەر يىلى 5000 دىن 12000 غىچە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شىڭچاڭ پەيشەنبە كۈنى، ئۆلۈم جازاسىنى يىڭنە بىلەن ئىجرا قىلىشنىڭ بىر قەدەر ئىنسانپەرۋەرلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇسۇلنى ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن . لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مەسئۇلى كاتېرىن بابېر، "زەھەرلىك يىڭنىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى خەلقئارا ئېقىمغا پۈتۈنلەي زىت بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە زەھەرلىك يىڭنىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بارلىقىغا كۈز يۇمغانلىقتۇر " دېدى.

كاتېرىن بابېر باياناتىدا يەنە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئۆزى غەيرىي ئىنسانى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دەپ تەنقىد قىلدى.

خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى يەرلىك سوتلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۆزگىرىش خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئازايتىدۇ، دەپ قاراشقان ئىدى. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بىردىن - بىر رايون بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا قەشقەردە ئاز دېگەندە 4 ئۇيغۇرغا " بۆلگۈنچى "، " تېرورچى " دېگەن گۇناھلار بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.