بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2008.03.28
28 - مارت جۈمە كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى سلوۋېنىيىدە بۇ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتنى باشلىغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە مىنىستىرلارنىڭ مەيدانى ھەر خىل بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سۆھبەت جەريانىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسى بۇ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپىنچە دۆلەتلەر خىتاي يېقىندىن بۇيان تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقنىڭ تىبەت مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 8 - ئاۋغۇستتا خىتايدا ئۆتكۈزىدىغان 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تىبەت مەسىلىسى تۈپەيلى بايقۇت قىلىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا يۇقىرى ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالكېر ستېينميېر ئۆزىنىڭ ھەمدە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ ھەمدە گېرمانىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ۋولفگاڭ شاۋبلېنىڭمۇ بۇ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ تىبەت مەسىلىسى ئالاقىدار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا،شەرقى ياۋروپا ئەللىرىدىن چېخ پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ لاۋس، ئېستونىيە پرېزىدېنتى توماس ھەندرىك ئىلۋەس، پولشا باش مىنىستىرى دونال تۇسك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەمما ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسا، فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزي ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە ئېنىق مەيدانىنى ئىپادىلىمىگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ تىبەتتىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى
- تىبەتلىك راھىبلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىنى تىنچ قىلىپ كۆرسىتىش پىلانىنى بۇزۇۋەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللەپ تىبەتكە ئەۋەتتى
- تىبەتتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرى كۈچەيمەكتە
- نوبېل مۇكاپاتىنىڭ 26 نەپەر ئېرىشكۈچىسى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى
- دالاي لاما : خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتكە تەييارمەن
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- تىبەت مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى