خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى پىلانلىماقتا

پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرىنى ئېلىپ قېچىشنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتلىرىدىن كېيىن، خىتاي دىپلوماتلىرىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

پاكىستان مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان چەتئەل دىپلوماتلىرىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى تارىق مەسئۇد ياسىن، ئىسلامئابادتىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي دىپلوماتلىرى تۇرۇشلۇق ئۆيلەر ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ساقچى ئىدارىلىرىغا، ئۆز رايونلىرىدىكى دىنىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئالاقىسى بار- يوقلىقىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان رازۋېتكا ئىدارىلىرى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى، خىتاي دىپلوماتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا تېررروچىنىڭ ئىسلامئاباد ۋە راۋالپىندىگە كەلگەنلىگىدىن خەۋەردار قىلغان.

لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرى، پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويدۇرمىسى دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە "شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى" نى باھانە قىلىپ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئىلىپ بارماقچى، دېدى. (قانات)