خوڭكوڭ دېموكراتىيە رەھبىرى لى جۇمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
2007.10.26
خوڭكوڭ دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى لى جۇمىڭ، ئالدىنقى كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىپ ئىشلىتىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە قىستاشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.
لى جۇمىڭ يېقىندا ئامېرىكا Wall Street Journal گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بىر تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتنىشىپلا قويماي، "كەلگۈسى 10 ئاي ئىچىدە خىتايغا ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئاخبارات، يىغىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىسىدە ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشى "نى تەكىتلىگەن ئىدى.
ماقالىدە لى جۇمىڭ، " بىر تەرەپتىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ رولىدىن مەھرۇم قالسا، بۇ دۆلىتىمىزنى قانداقمۇ مەنپەئەتدار قىلغان بولىدۇ ؟ " دەپ يازغان. لېكىن لى جۇمىڭنىڭ باياناتى جۈمە كۈنى خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، لى جۇمىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش، چەتئەللىكلەرنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا چاقىردى، دەپ ئەيىبلەندى.
پەيشەنبە كۈنى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا لى جۇمىڭغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. لېكىن لى جۇمىڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى رەت قىلىپ، "پرېزىدېنت بۇشتىن خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەشنى تەلەپ قىلىشنىڭ نېمە يامانلىقى بار ؟ " دەپ سورىدى. خوڭكوڭ دېموكراتىك پارتىيىسى جۈمە بايانات ئېلان قىلىپ،"خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس سىياسەتچىلەر پارلامېنت سايلىمىغا يېقىن قالغان مەزگىلدە مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى قوزغاپ، سايلام بېلىتىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ " دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت ۋە ئولىمپىك كومىتېتى: بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى تۈزەلمىسە، بەزى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن
- بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن
- خوڭكوڭلىقلار ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش نامايىشى ئېلىپ باردى
- خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
- بېرمىدىكى نامايىش داغدۇغۇلۇق داۋاملاشماقتا
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى تەيۋەندىن ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ۋازكەچتى
- دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى
- د ئۇ ق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چاقىرىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى