ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالدى
2005.11.29
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ رەھبىرى لى جۇمىڭ قاتارلىق كىشىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ خوڭكوڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش لايىھىسىنى قوللىدى. لى جۇمىڭ قاتارلىقلار سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا سىياسى ئىسلاھات قەدىمى ۋە ئۇنىڭ كۆلىمىنى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ " دېدى. خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ لى جۇمىڭ باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى بريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار رايىس بىلەن ئۇچراشقاندا، خوڭكوڭدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىكەن.
لى جۇمىڭ رايىس بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ، بېيجىڭ خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى بىۋاستە سايلاش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە بېيجىڭپەرەس كۈچلەر لى جۇمىڭ قاتارلىق خوڭكوڭ دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنى " ۋەتەن ساتقۇچ ۋە خائىن " دەپ ئەيىبلىمەكتە.
دېموكراتىك كۈچلەر 4 - دېكابىردا خوڭكوڭ بويىچە كەڭ - كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر خىتاينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا 4 - ئىيۇننى ئاقلاشنى تەكلىپ قىلدى
- خوڭكوڭنىڭ دېموكراتچى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدىن ياۋ فۇشىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خوڭكوڭدا زېڭ چىڭخوڭغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
- دوڭ جيەنخۇا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەكچى