خرىستىئان بولغان ئافغان پۇقراسى قويۇپ بېرىلدى
2006.03.27
يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستان، خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇل راخمان ئىسملىك ئافغان پۇقراسى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنى بىكار قىلدى. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئابدۇل راخمان ئاللىقاچان قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى تېخى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېنىقلىمىغان.
لېكىن دۈشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئابدۇل راخماننىڭ باشقا بىر دۆلەتتىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇل راخمان ئۆتكەن ئاي ئافغانىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغان ۋە ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ ئۈستىدىن 16 يىل بۇرۇن خىرىستيان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن سوت ئېچىلغان ئىدى. ئافغانىستان قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئۇ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
ئابدۇل راخماننىڭ خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتقا تارتىلىشى ۋە ئۇنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەھدىت قىلىنىشى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە قاتتىق نارازىلىق دولقۇنى قوزغىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى گۇمران قىلىنغان رادىكال دىنىي ھەرىكەت ھېسابلانغان تالىبانلار دەۋرىدىمۇ يۈز بەرمىگەن بىر ۋەقەنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بىر ھاكىمىيەت دەۋرىدە يۈز بېرىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، بۇ مەسىلىگە بىۋاستە ئارىلىشىپ، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزايدىن مەسىلىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسدە ئافغانىستان سوتى يەكشەنبە كۈنى ئابدۇل راخماننى سوتقا تارتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسپات يوق دەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنى بىكار قىلدى.
لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانسىتاندا يۈزلىگەن دىنىي زات سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن. (قانات)