ئابدۇل راخمان ئىتالىيىدە پاناھلىق تىلىدى


2006.03.30

ئافغانىستاندا خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئافغان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلغان ئابدۇل راخمان ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىدى.

ئافغانىستان قانۇنلىرىغا ئاساسەن، ئەگەر ئابدۇل راخماننىڭ گۇناھى ئىسپاتلانسا، ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئابدۇل راخمان ئۆتكەن ئاي قولغا ئىلىنىپ، ئۆتكەن ھەپتە سوتقا تارتىلغان ئىدى .

ئابدۇل راخماننىڭ سوتقا تارتىلىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئافغان دائىرىلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە دۈشەنبە كۈنى، ئابدۇل راخمان ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنى بىكار قىلىپ ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدى . ئۇ چارشەنبە كۈنى ئىتالىيىدە يېتىپ كەلگەن.

رويترېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇل راخمان 30 ‏- مارت كۈنى ئىتالىيە تېلېۋىزورىدا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلغان رىم پاپاسىغا ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى.

گەرچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئابدۇل راخماننى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلار ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئافغانىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلار ئابدۇل راخماننىڭ قويۇپ بېرلگەنلىكىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئابدۇل راخمان يوشۇرۇن ھالدا ئىتالىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئىتالىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان جايى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى رەت قىلماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.