خرىستىئانلار پاسخا بايرىمى ئۆتكۈزدى
2007.04.08
4-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈننى پۈتۈن دۇنيا خرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ پاسخا بايرىمىنى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رىم پاپاسى بېننېدىكت 16 ۋاتىكاندا نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئەيىبلىگەن.
بېننېدىكىت 16 سۆزىدە ئىراقتىكى ئەھۋالنى تىلغا ئېلىپ"داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار ئىراقنى ۋەيران قىلماقتا. ئىراقتىن ھېچقانداق ئاكتىپ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ" دېگەن. ئۇ 20 خىل تىلدا پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن. رۇسىيە خرىستىئانلارمۇ پاسخا بايرىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە باش مىنىستىرى فرادكوپ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر، موسكۋادىكى چوڭ چېركاۋلىرىنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلىپ، پۈتۈن رۇسىيە پراۋىسلاۋ مەزھىپىنىڭ داھىيسى ئالېكسېي ئىككىنچىگە رەھمەت بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ رۇسىيىنىڭ دىنىي گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلىگەن.
ۋلادىمىر پۇتىن پاسخا مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن رۇسىيىلىكلەرنى تەبرىكلەپ، بۇ بايرام كۈنى مىليونلىغان رۇسىيىلىكلەرگە بايرام خۇشاللىقى، ئۈمىد ۋە دىنىي ئېتىقاد مۇستەھكەملىكى ئاتا قىلىدۇ" دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
پاسخا بايرىمى ھەر يىل بىر قېتىم پۈتۈن ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكىسى، رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى خرىستىئانلار ئۆتكۈزىدىغان چوڭ دىنىي بايرامدۇر. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كاتولىك دۇنياسىنىڭ لېدىرى، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 نىڭ تۈركىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى ئەركىنلىككە يول قويمىسا ئاقىۋەتتە كۆپ زىيان تارتىدۇ
- پرېزىدېنت بۇش 3 نەپەر تەرەپسىز خرىستىئان چېركاۋ پائالىيەتچىسىنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلدى
- ئابدۇل راخمان ئىتالىيىدە پاناھلىق تىلىدى
- خرىستىئان بولغان ئافغان پۇقراسى قويۇپ بېرىلدى









