خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شىۋىتسىيە زىيارىتىنى رەسمى باشلىدى
2007.06.09
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شەنبە كۈنى شىۋىتسىيىگە قاراتقان زىيارىتىنى رەسمى باشلىدى. بۇ خۇجىنتاۋنىڭ شىۋىتىسيىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىۋىتسىيە پادىشاھى كارىل گۇستۇ، شەنبە كۈنى خۇجىنتاۋنى داغدۇغۇلۇق مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى. شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى فىرىدرىك رايىن فىلد ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل بېلد خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شەنبە كۈنى شىۋىتسىيىنىڭ باش مىنستىر ياردەمچىسى ۋەم اۋد ئولوفسون خىتاي سودا ۋە تىجارەت مىنىستىرى بو خىلەي بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شىۋىتسىيە پادىشاھى كارل گۇستۇ بىلەن پادىشاھ سارىيىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، سارايدىن ئانچىلا ئۇزاق بولمىغان كۇڭسترىد پاغچىسىدا فالوڭ گوڭ مۇرتلىرى خۇجىنتاۋنىڭ زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گوتۇبەرگە شەھىرىدە خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى نارازىلىق نامايىش تەشكىللەشكە تەييارلانماقتا.(ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھۈسەيىن جېلىل ئاخىرى ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشتى
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاي سودىسى ھەققىدە يېڭى سىياسەت بەلگىلىدى
- نيۇيوركتا ،خىتاي ھاكىميىتى ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى