خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى


2004.09.02

ئامېرىكىدا چىقىدىغان " ۋول سىتىرىت ژورنىلى" گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللار سودىسىدىكى ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا يادرو رېئاكسىيە قازىنىنى سېتىپ بېرىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىكەن.

مەزكۈر گېزىتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، نۆۋەتتە خىتايغا يادرو قوراللارنى سېتىپ بېرىشنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىلەر ۋە توساقلار بىكار قىلىنغان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ ھەقتە كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا ھازىرلانغان.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1985 - يىلى، يادرو ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىش ھەققىدە كىلىشىم ھاسىل قىلغان . بىراق ۋاشىنگتون خىتاينىڭ ئېران ۋە پاكسىتانلارغا يادرو قورال تېخنىكىلىرىنى سېتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن يادرو تېخنىكا سودىسى قىلىشنى چەكلەپ كىلىۋاتقان ئىدى.

" ۋول سىتىرىت گېزىتى" نىڭ ئامېرىكا " ۋەست خاۋۇست ئىلىكتىر شىركىتى" باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، خىتايغا يادرو قورال سېتىشقا روخسەت قىلسا، ئۇلار خىتايدىكى ئاتوم رېئاكسىيە قازىنى ياساش پروگراممىسىغا قاتنىشىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.