شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى قايتا باشلاندى


2005.09.13

شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 تەرەپ سۆھبىتى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا قايتا ئەسلىگە كەلدى. تەرەپلەر سەيشەنبە كۈنگىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۆھبەتنىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى ئېلان قىلمىغان. ئەمما جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى سۆھبەتنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىش مەسىلىسىدە ھازىرغا قەدەر پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى. ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو ئەسلىھەلەردىن ئۈزۈل- كېسىل ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما شىمالىي كورىيە يادرو ئەسلىھەلىرىنى تىنچ يوللارغا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئەمىلىي ئىلگىرلەشكە ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇچرىشىش، دەپ كۆرسەتمەكتە. شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانى بويىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 - قېتىمقى سۆھبەت، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، سۆھبەتكە بىر مەزگىل ئارا بېرىلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيە ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق مەخپىي ئۇچرۇشۇشلارنى ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە، خىتاي، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن 2003 - ۋە 2004 - يىللىرى 3 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.