شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5 - دىكابىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسى سىياسىي ئىقتىساد ئىنىستېتوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يىدەن ئەپەندى 2006 - يىللىق خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خىتاي دىپلوماتىيىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە 'پۈتۈن يەر شارىدا يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتىدۇ. شىمالىي كورىيە ۋە ئىراندىكى يادرو كرىزىسى پەقەت بۇنىڭ بىر كىچىك قىسمى. يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەشكىلاتىمۇ ھازىر ئۆزىنىڭ رولىنى يۇقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ' دېگەن.
گەرچە بۇ ئەپەندى يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە پۈتۈن دۇنيانى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما قايسى دۆلەتنىڭ يادرو قوراللىرىنى پاكىستانغا تارقاتقانلىقى ۋە پاكىستان ئارقىلىق يەنە قايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. (ۋەلى)