چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى Yahoo شىركىتىنى جوڭگودا ئاخبارات كونترول قىلىشنى يولغا قويماقتا، دەپ ئەيىپلىدى


2006.06.17

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ Yahoo ئىنتېرنەت شىركىتىنى جوڭگودا ئاخبارات كونترول قىلىشنى ئەڭ جىددى يولغا قويۇۋاتقان شىركەت، دەپ ئەيىپلىدى.

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات Google،Yahoo، Microsoft ۋە Baidu ئىنتېرنەت شىركىتىنىڭ خىتايچە تور بەتلىرىنى ئىزدەش پونكىتى ئۈستىدىن سىناق ئېلىپ بارغان. سىناق جەريانىدا يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ ئىزدەش پونكىتلىرىنى ئىشلىتىپ، خىتايدا تارقىتىلىدىغان تور بەتلەردىن " ئەركىنلىك،" " تىبەت مۇستەقىللىقى،" " كىشىلىك ھوقۇق،" ۋە 4 - ئىيۇن،" قاتارلىق سىياسى تۈس ئالغان 10 نازۇك سۆزنى ئىزدىگەن.

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سىناق نەتىجىسىدىن قارىغاندا Yahoo ئىزدەش پونكىتىنىڭ سىياسى جەھەتتە نازۇك سۆزلۈكلەرنى سۈزۈۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا بۇ جەھەتتە Yahoo خىتاينىڭ Baidu ئىزدەش پونكىتىدىنمۇ يۇقىرى تۇرۇدىكەن.

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى Yahoo شىركىتى خىتاي دائىرىلىرىنى تورغا كىرگۈچىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىمەكتە ۋە بۇ ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەبچى بولماقتا، دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى Yahoo شىركىتىنى ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قىلچىمۇ ھۆرمەت قىلمىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سېستىمىلىق تۈردە ھەمكارلاشماقتا، دەيدۇ. Yahoo شىركىتى ھازىرغىچە چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.