خۇنەن"ھازىرقى زامان سودا گېزىتى"نىڭ مۇھەررىرى، تۈرمىدىكى خىتاي شائىرى شىي تاۋنىڭ ئانىسى گاۋ چىنشىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوغلىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان Yahoo ئىنتېرنېت شىركىتى ئۈستىدىن ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىي تاۋ 2005 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلىگەن تور بەتلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى بىر ھۆججىتىنى ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا Yahoo ئىنتېرنېت شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىي تاۋنىڭ ئىنتېرنېتكە تىزىملاتقان شەخسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان.
گاۋ چىنشىڭ، جۈمە كۈنى ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، شىي تاۋنىڭ دىلوسى "ئەمدى يەككە- يىگانە بىر دىلو ئەمەس، خەلقئارادا نۇرغۇن كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتقان دىلو" بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
گاۋ چىنشىڭ ئەسلى جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ، ئوغلىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىر مۇكاپاتنى ئالماقچى ئىدى. لېكىن ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىن قايتىش سەپىرىدە ئامېرىكىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ سەپىرىدە ئۇ ئادۋوكات بىلەن ئەرز مەسلىسىدە توختام تۈزمەكچى ئىكەن. گاۋ چىنشىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېڭى جېرسىيلىك جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس بىلەن كۆرۈشكەن. (ئەركىن)