ئامېرىكىدىكى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىدىن بولغان يۈزدىن ئارتۇق پالاتا ئەزالىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋدىن ئامېرىكىدىن خىتايغا بارغان ئۆكتىچى پائالىيەتچى ياڭ جىيەنلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا مەكتۈب سۇنۇپ، يۇقىرىقى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياڭ جىيەنلى 2002 - يىلى 4 - ئايدا چىگرادىن قانۇنسىز كىرىش ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، بۇ يىل 5 - ئايدا بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدىن دوستىنىڭ پاسپورتى بىلەن خىتايغا بارغان بولۇپ، ئەسلىي خىتايدىكى ئىشچىلار نامايىشىنى كۆزىتىشنى مەقسەت قىلغان.
ئامېرىكا ۋە كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ياڭ جىيەنلىنى قويۇپ بېرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ياڭ جىيەنلىدىن سىرت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىجارەتچىسى رابىيە قادىر مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان، ھەتتا كىشىلىك ھوقوق سۆھبەتلىرىدە رابىيە قادىرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.(ئارزۇ)