خىتاي گېرمانىيىدە كۆرگەزمە قىلغان چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان ساپال ھەيكەل يالغان مال ئىكەن


2007.12.12

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 12 ‏- دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن گېرمانىيىدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان خىتاي ئاسارە-ئەتىقىلىرى ھەققىدىكى گەپ -سۆزلەرنىڭ راست -يالغانلىقىنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان خىتاي ئاسارە-ئەتىقىلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، گېرمان مۇزىيىنىڭ باياناتچىسى مارىيانا لېفشىتس خانىم بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە، بۇ كۆرگەزمىدىكى 2000 يىل بۇرۇنقى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ساپال ھەيكەللەر راست ئاسارە -ئەتىقە ئەمەس، بەلكى تەقلىت قىلىپ ياسالغان لاي چىرىكلەر ھەيكىلى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا، گېرمان زىيارەتچىلىرى بېلەت ئېلىپ يالغان مالنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قاتتىق ئېچىنغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي ھازىر ئەنگىلىيىنىڭ لوندون مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىۋاتقان 'خىتاينىڭ تۇنجى پادىشاھى' ناملىق ئاسارە‏-ئەتىقە كۆرگەزمىسىدىمۇ، خىتاينىڭ تۇنجى پادىشاھى چىن شىخۇاڭنىڭ ماماتلىقتىكى ھوقۇقىنى قوغداۋاتقان 20 دىن ئارتۇق ساپال چىرىك ھەيكىلى بار. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.