ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىن ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2006.04.17
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا، خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باج ئوغرىلىدى دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان، كارخانىچى جۇ دىشاۋنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى، ياڭ جيەنلى ۋە جۇ دىشاۋنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشقا خەت يازغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا، داڭلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن ئىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قىلغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 119 ئەزاسى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشقا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئامېرىكا پۇقراسى بولغان خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. ياڭ جيەنلى 2002- يىلى خىتايغا قانۇنسىز كىرگەن دەپ قولغا ئىلىنغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ياڭ جيەنلى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ قانۇنغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن قانداق ھەل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت تېمىلىرى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا بۇش بىلەن ئۇچراشماقچى
- ساقچىخانىلارغا جەرىمانە ئېلىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈش چەكلەندى
- كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرى: تەن جازاسى قوبۇل قىلىنمايدىغان قىلمىش
- ب د ت ئەلچىسى خىتايدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ