ياپونىيە خىتاينىڭ مۆلچەردىكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
2004.11.10
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى 8 - نويابىر كۈنى " بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىشئ سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي كۈچكە ئايلىنىپ، ھەتتا ياپونىيىگىمۇ ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.
ياپونىيە ئورتاق ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھەربىي ئىشلار پىلان كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 9- ئايدا تەييارلىغان ياپونىيە مۇداپىئە ستراتېگىيە دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 3 خىل ئەھۋالدا ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇلار بولسا، بىرىنچىدىن، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىسا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ بەزى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا يەر-زېمىن ماجىراسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بېيجىڭ سېككاكو تاقىم ئاراللىرىنى ئىگىلىۋالماقچى. ئۈچىنچىدىن، خىتاي ھەربىي يول بىلەن شەرقىي دېڭىزدىكى مەنپەئەتىنى ساقلىماقچى.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا كۆرىلىۋاتقان نۇرغۇن يۈزلىنىشلەرگە يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىشىنى، مەسىلەن، خىتاينىڭ توختىماستىن ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇش ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان رايونلاردا نېفىت قىدىرىشقا ئوخشاش پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. (پەرىدە)