ياپونىيە خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى


2004.11.12

ياپونىيە خىتاي يادرۇ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۈسۈپ كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى، سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ تىپى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پاراخوتنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يادرۇ سۇ ئاستى پاراخوتى، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىشتىكى سېنكاكۇ تاقىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىيغا توغرا كېلىدىغان ساكىشاما تاقىم ئارالىرى ئەتراپىدا بايقالغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتى، تىك ئۇچار ۋە رازۋىتكا ئايرۇپىلانلىرىنى چىقىرىپ، سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ ئىزىغا چۈشكەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوبۇتاكا ماچىمۇرۇ، خىتاينىڭ ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىكى دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ياپونىيىدىن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلىپ، بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، " سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جوڭگو پاراخوتىمۇ-ئەمەسمۇ بۇنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشمۇ ئىمكانسىز" دەپ كۆرسەتكەن. ياپونىيە باش مىنىستىرى كۇيزۇمى، ۋەقەدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا ياپونىيە مۇداپىئە نازارىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي زىمىن، تەبئىي بايلىق ۋە تەيۋەن مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىشى مۈمكىن، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.