ياپونىيە يېقىندا مولوككا ئاراللىرىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندونېزىيىگە ئۈچ دانە چارلىغۇچى پاراخوت ياردەم قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ياپونىيىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۆلەت مەبلىغىنى چەتئەللەرگە ھەربىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇلاھىزىچىلەر بۇنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە قورال ئېكىسپورت قىلماسلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغان 52 تەشكىلاتنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي قوللانغان بىرخىل ئالاھىدە تەدبىر؛ ياپونىيىنىڭ بۇ تەدبىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە 1967- يىلى كوممۇنىست دۆلەتلىرىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جازا قوللانغان دۆلەتلەرگە ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان دۆلەتلەرگە قورال ئېكىسپورت قىلماسلىقنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىرخىل ئالاھىدە تەدبىر قوللاندى. ئۇنىڭ ھىندونېزىيىگە ياردەم قىلغان ئۈچ دانە چارلاش پاراخوتى دۇنيا بۇيىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز پاراخوتلاردىن بولۇپ ھېسابلىناتتى. ھىندونېزىيە بۇنداق كۈچلۈك ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەپ چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزدى. (ۋەلى)