ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

ياپونىيىدە باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاقتى تېخى بىر يىلغا يەتمىگەن شىنزو ئابې ئەپەندى بۈگۈن 9 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى ۋەزىپىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا ئۇ ياپونىيىدىكى بۇرژۇئازىيە خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىدىن ئۆزىنىڭ ئورنىغا دەرھال باشقا باش مىنستىر تەيىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

'فرانسىيە ئاگېنتلىقى' نىڭ بايان قىلىشىچە، 52 ياشلىق ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاقتى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن پۇل -مۇئامىلە سەتچىلىكى، جەمئىيەتتە سىياسىي قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ پارتىيىسى بۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ پەقەت ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشى، ئەمما خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ياخشىلانغان ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

شىنزو ئابې بولسا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئالدىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياپونىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا دېڭىزدىن ياردەم بېرىشىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. (ۋەلى)