ياپونىيە پارلامېنتى يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلىدى

يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسۇئو فۇكۇدا 9 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى، ئاسىيادىكى خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ياپونىيىنىڭ ئەڭ يېقىن، كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشقان كونسېرۋاتىپاردىن بولغان باش مىنىستىر شىنزو ئابېنىڭ ئورنىغا ياپونىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن ياسۇئو فۇكۇدا ئەپەندىنى تەيىنلىگەن ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياسائو فۇكۇدا ئەپەندى بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ يامان كۆرگەن باش مىنىستىر جيۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياسۇكۇنى قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىدىغان پائالىيەتلىرىگە ئەڭ كۈچلۈك ياردەم بەرگەن ۋە ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي قوشۇنلارنى قوللىغان ئىدى. ياسۇئو فۇكۇدا ئەپەندى ھازىرقى راي سىناشتىمۇ يۇقۇرى نىسبەتكە ئىگە. (ۋەلى)