رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، رۇسىيە ياپونىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە تەييار دېدى
2004.11.15
دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا تەييار دىدى. رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسدا ھازىرغىچە بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىن قالغان ئۇرۇش ھالىتى تېخىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
لېكىن، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى باياناتىدا، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تېررىتورىيە ئىختىلاپلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق كونكرېت تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويمىغان.
پرېزىدېنت پۇتىن، يەكشەنبە كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگى لاۋروف تەرىپىدىن ياپونىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ باياناتى ھەققىدە بىرنېمە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى باياناتى ھەم ياپونىيە-رۇسىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيىتتە ھەمدە ياپونىيە رۇسىيىنىڭ نېفىتىنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەش ئۈچۈن پىلانلانغان نېفىت تۇرۇبىسى مەسلىسىدە خىتاي بىلەن قاتتىق رىقابەتلىشىۋاتقان بىر ۋاقتتا ئوتتۇرىغا چىققان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن كېلەر يىلى ياپونىيە بىلەن رۇسىيە پادشاھلىقى ئارىسىدا تۇنجى كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ياپونىيە خىتاينىڭ مۆلچەردىكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۈچ ئارالنىڭ چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
- خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى
- پۇتىن خىتاي زىيارىتىدە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى
- ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا ئىئانە بەردى
- رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ روسىيىدە كۆپىيىشى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا
- توكيو شەھەر باشلىقى، خىتاي ياپونىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ كۆرسەتتى