ياپونىيىنىڭ "مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى"دا خىتاي ھەربىي كۈچىدىن ئاگاھ بولۇش تەكىتلەندى

ياپونىيە جۈمە كۈنى"مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى" ئېلان قىلىپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھ بولۇشنى تەكىتلىدى. ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى جۈمە كۈنى مەزكۇر دوكلاتنى تەستىقلىغان. بۇ ياپونىيە قوغدىنىش نازارىتىنىڭ دەرىجىسى مىنىستىرلىققا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان تۇنجى ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دوكلاتتا،خىتاي دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئاگاھ بولۇش ئەسكەرتىلدى. كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دوكلاتتا "خىتاي يىراق دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش، تېخىمۇ يىراق جايلاردا ھاۋا ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشماقتا.

بۇ خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىدىغان توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش كۈچىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنلىك تالاش - تارتىشىنى قوزغاۋاتىدۇ" دېيىلگەن. دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھەربىي كۈچى ۋە ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى، "خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ پايدىسىغا قاراپ ئۆزگەرمەكتە". دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ دېڭىز ئوكيانلاردىكى ھەربىي پائالىيىتى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىزى ئەتراپىدىكى ھەرىكىتى دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ياپونىيىنىڭ ھەر يىلقى ھەربىي سېلىنمىسى 42 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئاشكارا ئېلان قىلغان بۇ يىلقى ھەربىي سېلىنمىسى بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىدۇ. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي سېلىنمىسى ئۇلار ئاشكارا ئېلان قىلغاندىن 2-3 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئەركىن)